« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

9

سامۇئىلنىڭ سائۇل بىلەن كۆرۈشۈشى

1بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. كىش ئابرۇيلۇق، دۆلەتمەن ئادەم ئىدى.2ئۇنىڭ سائۇل ئاتلىق كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئۇنىڭدىن كېلىشكىنى يوق ئىدى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى.3بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا:

_ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.

4سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا ۋە شالىشاھ زېمىنىدا ئېشەكلەرنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شائالىم زېمىنىغا ئۆتۈۋىدى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ چىقتى، ئېشەكلەرنى ئۇ يەرلەردىنمۇ تاپالمىدى.5ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا:

_ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى.

6لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا:

_ مانا، بۇ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ قالار، _ دېدى.

7_ ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمىنى سوۋغات قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ بىزنىڭ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىدى، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلغۇدەك نەرسە يوق!

8خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن:

_ مەندە بىر كىچىك كۈمۈش تەڭگە بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرسۇن، _ دېدى.

9-11_ ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل.

ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:

_ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

(ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە كىشىلەر خۇداغا بىرەر ئىش توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى. يەنى ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، ئۇ زامانلاردا «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى.)

12-13_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى. ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. جامائەت ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگكۈزمەيدۇ، ئۇ دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغانلار غىزالىنالايدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.

14سائۇل خىزمەتكارى بىلەن بۇ شەھەرگە چىقىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن دەل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.15پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:16«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلە. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. خەلقىمنىڭ ھالىغا نەزەر سالدىم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»

17سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.

18شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

19سامۇئىل:

_ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. يۈرۈڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ سەجدىگاھقا چىقىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە مەن ساڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن.20ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلما، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىستىكى كىمدە؟ سەندە ۋە ئاتا جەمەتىڭدە ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

21_ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن، بۇ قەبىلە ئىچىدە جەمەتىمىز ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دەپ جاۋاب بەردى سائۇل.

22سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇز مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.23كېيىن ئاشپەزگە:

_ مەن ساڭا، ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

24ئاشپەز ئوڭ سان گۆشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى.

_ مانا، بۇ ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن مېھمانلارنى چاقىرغىنىمدىن تارتىپ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ ساڭا ساقلاندى، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى.

25ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى.26تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى.

سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن چىقىپ كەتتى.27ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا:

_ خىزمەتكارىڭغا ئېيت، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى.

خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل:

_ سەن مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرغىن، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر